Uyghur主要词典
سىنىپىي كۈرەش
دۇنيا تارىخى
قارىمۇ قارشى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۈپتىن قارىمۇ قارشى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كۈرەش. سىنىپىي جەمئىيەتتە، سىنىپىي كۈرەش كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان سىنىپىي زىددىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى، جەمئىيەتتىكى نېگىزلىك زىددىيەتلەرنىڭ ئىپادىسى، بەزى مىللىي كۈرەشلەرمۇ سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئىنكاسى. سىنىپىي كۈرەشمۇ، سىنىپلارنىڭ بۆلۈنىشىگە ئوخشاش بىر خىل تارىخى كاتېگورىيىگە ياتىدۇ. مۇئەييەن ئىجتىمائىي فورماتسىيىدىكى ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى، ئىشلەپچىقرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىنىپىي قۇرۇلمىسى، شۇ جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ مەزمونى، شەكلى ۋە رولىنى بەلگىلەيدۇ. قۇللۇق جەمئىيەتتكى سىنىپىي كۈرەش، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار، قۇلدارلار بىلەن قۇللار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پومېشچىكلار بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەش پومىشچىكلار بىلەن دېھقانلار، خوجىدار بىلەن يانچىلار، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇستىلىرى بىلەن نىمكارلار، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي كۈرەش بولسا مەركەزلىك ھالدا بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىيات ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قىسقىسى، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار بىلەن ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى سىنىپلار، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلار، كونا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلاربىلەن يېڭى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار، ئەزگۈچى مىللەتلەر بىلەن ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش پۈتكۈل سىنىپىي جەمئىيەتكە سىڭگەن ھەمدە كۆپىنچە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي زىددىيىتىنى ھاسىل قىلىدۇ.سىنىپىي كۈرەشتىكى ئىككى تەرەپ، سىياسىي كۈرەش، ئىقتىسادىي كۈرەش، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى كۈرەشتىن ئىبارەت شەكىللەرنى قوللىنىپ، غەيرىي زورلۇق ياكى زورلۇق كۈچى بىلەن، يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا كۈرەش قىلىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەش داۋام قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا بارغاندا، مۇقەررەر ھالدا تەرەققىي قىلىپ سىياسىي كۈرەش (ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى پارتىيىلەر كۈرىشى) ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب (ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي، ئەڭ ئۆتكۈر بولغان شەكلى زورلۇق كۈچ ئىنقىلابىي ياكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش)قا ئايلىنىدۇ. ئىنقىلابىي سىنىپلار كۈرەش ئارقىلىق كونا ئىشلەپچىقرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۈستقۇرۇلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يولئاچىدۇ. شۇڭا سىنىپىي كۈرەش سىنىپىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيىگە قارشى كۈرىشى ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتىكى غايەت زور ئىلگىرى سۈرگۈچى كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئازىيەگە قارشى كۈرىشى جەزمەن پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى ياكى خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىغا ئېلىپ بارىدۇ، بۇ دىكتاتۇرا سىنىپسىز جەمئىيەت بولغان كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلغاندىن كېيىن، سىنىپىي كۈرەش ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالىدۇ. بىراق مەملىكەت ئىچىدىكى ئامىللار ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش مۇئەييەن دائىرىدە يەنىلا ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىت ئاستىدا ئېھتىمال ئۆتكۈرلىشىپ بارىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئازساندىكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يەنىلا سىنىپىي كۈرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.