Uyghur主要词典
سىنىيوكسىن
دۇنيا تارىخى
گرېكچە SynoiKisinos دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <بىرلىككە كېلىش ھەرىكىتى> دېگەنلىك. بۇ تارقاق ئۇرۇقداشلىق قەبىلە كوممۇناسى ياكى يېزا كوممۇنالىرىنىڭ بىرلىشپ شەھەر دۆلىتى (شەھەر ئىتتىپاقى)قۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇمۇمەن ئۇنىڭ تىپىك مىسالى - ئافىنانىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 1250- يىل ئىلگىرى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىر دېگەنلەرمۇ بار) <تېسېئوس ئىسلاھاتى> ئارقىلىق بىرلىككە كېلىش جەريانى دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېسېئوس ئاتىكا ئاھالىلىرىنى بىر شەھەرنىڭ پۇقرالىرى قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئايرىم - ئايرىم تەسىس قىلىنغان كېڭەشلەرنى تارقىتىپ، ئافىناشەھىرىدە بىردىنبىر جامائەت كېڭەش زالى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئافىنا دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت پۇقرالىرىنى ئاقسۆڭەك، دېھقان ۋەقول سانائەتچىدىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپقا ئايرىغان. شۇنىڭ بىلەن تارقاق ئۇرۇقداشلىق قەبىلە كوممۇنالىرىنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىرلىككە كەلگەن جامائەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا يەنى ئافىنا دۆلىتىگە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ئۇرۇقداشلىق قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇش پرىنسىپى ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشنى رايون بويىچە تەشكىللەش پرىنسىپىغا، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئاساسىدىكى باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدىغان سىنىپىي مۇناسىۋەتكە ئايلىنىشقا باشلىغان. قەدىمكى يۇنان دۇنياسىدا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئومۇمەن سىنىيوكسىن جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزى ئالىملار مۇنداق جەريان قەدىمكى تارىختا ئومۇمىي خاراكتىرلىككە ئىگە دەپ ھېسابلايدۇ.