Uyghur主要词典
سىنىماق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
شىكەست تاپماق، رەڭگى ئۆچمەك، سىنماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم ۋاسىتە، ئۇسۇللار ئارقىلىق تەكشۈرمەك، ئېنىقلىماق.
مەردنى مەيداندا سىنا (ماقال).
مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆپ سىنار (ماقال).
كۆرۈپ، بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، كۆرۈپ باقماق؛ تەجرىبە قىلماق.
تەلەي سىنىماق. كۈچ سىنىماق.
سۇنايچىلار لېپىرلىرىنى يۇمشىتىپ سىناپ كۆردى.
ئەقلىي قابىلىيىتى، بىلىم دەرىجىسى ياكى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە سوئال سورىماق؛ ئىمتىھان ئالماق.
زېھنىنى سىنىماق. زېھنىدىن سىناش مۇسابىقىسى.