Uyghur主要词典
سىمونوۋ
دۇنيا تارىخى
(1915 - 1979) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. كونا ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قىرغۇچى ئىشچى بولغان. 1934 - يىلى سوۋېت يازغۇچىلار قارمىقىدىكى گوركىي ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. شۇ يىلى تۇنجى شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1941 - يىلى <شەھىرىمىزدىكى بىرئۆسمۈر>دېگەن درامىنى يېزىپ داڭقى چىققان.ئىككىنچى يىلى سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)گە كىرگەن. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، <قىزىل يۇلتۇز گېزىتى>نىڭ ئۇرۇش مەيدانى مۇخبىرى بولۇپ، <بىللە بولغان ۋە بىللە بولمىغان چاغلىرىمىز>، <ئۇرۇش> دېگەن شېئىر توپلاملىرىنى، <كۈنلەر ۋە تۈنلەر> دېگەن پوۋېستىنى يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ گېرمانىيە فاشزمىغا قارشى تۇرۇشتىكى باتۇرانە كۈرەشلەرنى تەسۋىرلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، سوۋېت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سىكرىتارى بولغان، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقى (1952 - 1956)غاسايلانغان. يەنە <روسىيە مەسىلىسى> دېگەن دراما، <ۋەتەننىڭ ئىس - تۈتەكلىرى> دېگەن پوۋېست، <دوستلار ۋە دۈشمەنلەر> دېگەن شېئرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.