Uyghur主要词典
سىمون دى مونتفورت
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن1208 - 1265) ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرى داھىيىسى. فرانسىيىنىڭ نورماندىيە رايونىدا تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1230 - يىلى ئەنگىلىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1238 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅲ نىڭ سىڭلىسى ئېلېنو بىلەن توي قىلغان. 1239 - يىلى لېسېتېر (ئەنگلىيەنىڭ ئوتتورا قىسمىدا) نىڭ گرافلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1258 - يىلى ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، ھېنرىي Ⅲ نى كورۇل ھوقۇقىغا چەك قويىدىغان <ئوكسىفورد نىزامى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبور قىلىپ، ئۆزى <15 كىشلىك يىغىن>غا سايلانغان. 1263 - يىلى ئەنگىلىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. 1264 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى لېۋېس (ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزبويىدا) ئۇرۇشىدا كورۇل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، ھېنرېي Ⅲ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېدۋاردنى ئەسىر ئېلىپ، ئۆزى ئەنگلىيەنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. 1265 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كورۇل نامى بىلەن لوندوندا يىغىن چاقىرغان، يىغىنغا كاتولىك دىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلىرى (201 كىشى) ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلىرىلا (23 كىشى) قاتنىشىپ قالماستىن، بەلكى رىتسارلار (ھەربىر ۋىلايەتتىن ئىككى كىشى) ۋە شەھەر پۇقرالىرى (ھەربىر ئاپتونومىيە شەھىرىدىن ئىككى كىشى)نىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان، بۇ، ئەنگىلىيە فېئوداللىق تەبىقىلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى يەنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەسىرلەر لاگىرىدىن قېچىپ چىققان ئېدۋارد قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.