Uyghur主要词典
سىموندس
دۇنيا تارىخى
(1840 - 1893) ئەنگىلىيىلىك تارىخشۇناس. 1860 - يىلى ئوكسفورد ئونىۋېرسىتېتىنىڭ بېرېئول ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىككى يىلدىن كېيىن مودېلىن ئىنىستېتىتوتىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قانۇن تەتقىقاتىنى باشلىغان، كېيىن ئەدەبىيات بىلەن شوغۇللانغان. سالامەتلىكى ناچار بولغانلىقتىن ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. 1877 - يىلى شىۋېتسارىيىنىڭ تاغلىق رايۇنىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئارىلىقتا دائىم ئىتالىيىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ تۇرغان. يەتتە توملۇق <ئىتالىيىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، 1875 - 1876 - يىللىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ ماتىرىيالى مول، مەزمۇنى كەڭ ۋە چوڭقۇر نۇقتىئىنەزەرى يېڭىچە بولۇپ، ئۇ، ئىلىم - پەن ساھاسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى توغرىسىدا بوكىخاتنىڭ <ئىتالىيە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەدەنىيەت> دېگەن ئەسىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم، دەپ ئاتالغان. يەنە دانتې، مىكېلانگېلو، بوككاسسىئو، شېكېسپېر، ۋىتمان قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ھەمدە بىر مۇنچە شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ چىققان.