Uyghur主要词典
سېمېنس شىركىتى
دۇنيا تارىخى
فېدېراتىپ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترون سانائىتى مونوپول تەشكىلاتى. سېمېنس كونىسېرىنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. ۋېرنىرۋون سېمېنس (1816 - 1892) ئاساس سالغان. 1847 - يىلى سېمېنس بېرلىندا سېمېنس خاللىسكو سودا سارىيىنى ئاچقان، كېيىن بۇ ساراي گېرمانىيەنىڭ ئاساسلىقئېلېكترون ۋە ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىسىغا ئايلانغان. 1897 - يىلى شىركەتكە ئۆزگەرتىلگەن. 1966 - يىلى ھازىرقى نام قويۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىدە تارماق ئورگانلىرى قۇرۇلغان. 1941 - يىلى گېرمانىيىدە ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، بازارنى بۆلۈشۈۋېلىپ، پۈتۈن گېرمانىيە ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتىدە ئىككى دوكانىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، <مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى>نى ئۇيۇشتۇرۇپ، بومباردىمانچى ئايروپىلان، رادىئو يۆنىلىشلىك ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق فرانكوغا ياردەم بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاتوم قوراللىرىنى ياساپ، فېدېراتىپ گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئاتوم قازىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، گېرمانىيە ئۇنىۋېرسال ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتى تارمىقىنى كونترول قىلغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن مەبلىغى ۋە 100 دىن ئارتۇق تارماق شىركىتى بولۇپ، كەسپى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە تارقالغان. گېرمانىيە بانكىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مونوپول مالىيە گورۇھىنى تەشكىللىگەن. باش شىركىتى ميۇنخېن ۋە غەربىي بېرلىندا ئايرىم - ئايرىم تەسسىس قىلىنغان.