Uyghur主要词典
سېمىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ ئەتلىك، قاتتىق سەمىرىپ كەتكەن.
«بورداق»، «پور» ئادەمگىلا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
سېمىز كالا ئورۇق كالىنىڭ كۆتىنى يالاپتۇ. بورداق ئورۇقلىغۇچە، ئورۇق جان ئۈزەر. پور ئادەم پۇسۇلداپ ماڭالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەدىنىدە گۆش - ياغ كۆپ.
ئورۇق، ئاۋاق، ياداڭ، جۈدەڭ، ياداڭغۇ، بىر تېرە - بىر ئۇستىخان
بەدىنىدە گۆش - ياغ ئاز، ئەت - ياغسىز.
ئات ئورۇق بولسىمۇ بولسۇن، يېغىر بولمىسۇن، گۆش سۆڭەك بولسىمۇ بولسۇن، بېغىر بولمىسۇن. ئاۋاق ئالما يېسىمۇ بېرى شۇ. ياداڭ ياردىن غۇلىسىمۇ ھېچگەپ يوق. جۈدەڭ خوتۇن جورىسىنى تويدۇرار. ياداڭغۇدىن يار بويى قاچ. ئانام بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. سېمىزنىڭ پۇتى سەككىز. سېمىز ئۇرۇقلىغۇچە ئورۇق جان ئۈزەر. پور يىگىت - دەرەخنىڭ پورى، مەيلى، ئۆزىنىڭ شورى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەدىنىگە جىق ئەت قونغان، گۆشلۈك.
سېمىز ئادەم. سېمىز بالا.
ماي ۋە گۆش جىق، سەمرىگەن (ھايۋانلار ھەققىدە).
سېمىز قوي. سېمىز گۆش. سېمىز كالا.