Uyghur主要词典
سېنترىفۇگ تېخنىكىسى
بىئولوگىيە
ماددىلارنىڭ ئېرىتمىدىكى زىچلىقى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ چۆكۈش كوئېففىتسېنتى، سۈپىتى، لەيلەش فاكتورى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى پەرقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى كۈچلۈك مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچتىن پايدىلىنىپ ئايرىش، قويۇقلاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش، تېخنىكسىدۇر، يەنە مولېكۇلا ئېغىرلىقىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ بىئوخىمىيە ۋە مولېكۇلا بىئولوگىيىسى ھەمدە مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكا. سېنترىفۇگ تېخنىكىسى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) چۆكۈش تىزلىكى ئۇسۇلى، بۇ يەنە مۇنداق بۆلۈنىدۇ. a. تېزلىكى پەرقلەندۈرۈلىدىغان سېنترىفۇگ ئۇسۇلى، مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش قوللىنىلىدۇ. ھەر بىر باسقۇچتىكى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچكە قارىتا ئۇنىڭ بۇ خىل ماددىلارنى مۆلچەرلەنگەن ۋاقتىدا چۆكتۈرەلەيدىغىنىنى تاللاش كېرەك، چۆكمىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئۈستىدىكى سۈزۈك ئېرىتمىسىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېنترىفۇگلاپ ئوتتۇراھال دانىچىلەر چۆكتۈرۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سۈپىتى ۋە زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن بولغان دانىچىلەر چۆكىدۇ. بۇ ئۇسۇل دائىم ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنى ئايرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. b. بەلباغلىق سېنترىفۇگ ئۇسۇلى، چۆكۈش كوئېففىتسېنتى - بەلباغ ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.، يەنى ئەۋرىشكە تۇتاش زىچلىق گرادېئېنتلىق سېنترىفۇگقا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ زىچلىق قىممىتى، چۆككەن ئەۋرىشكىنىڭ ئەڭ كىچىك زىچلىق قىممىتىدىن كىچىك بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بەلباغ شەكىللەنگەندىن كېيىن قارشى ئېقىم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەر خىل دانىچىلەر گرادېئېنتتا تۇتاش بولمىغان بەلباغلارنى ھاسىل قىلىدۇ. قايتىدىن بىرىككەن تەركىبلەر نەيچە تىگىگە يېتىشتىن ئىلگىرى سېنترىفۇگلاش توختىتىلىدۇ. (2) چۆكۈش تەڭپۇڭلۇق ئۇسۇلى، تەڭ زىچلىققا سېنترىفۇگلاش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر خىل ماددىلارنىڭ زىچلىقى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ۋاستە گرادېئېنتى بولغان سېنترىفۇگ مەيدانىدا ھەرىكەتلىنىپ ھەر قايسىنىڭ زىچلىقىغا تەڭ بولغان ئورۇنغا بارغاندا توختاپ قالىدىغان پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ماددىلارنى ئايرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل پەقەت ماددىلارنىڭ زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. ھەر خىل ماددىلارنىڭ سېنترىفۇگ مەيدانىدىكى چۆكۈش كونستانتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.