Uyghur主要词典
شولوخوۋ
دۇنيا تارىخى
(1905 - 1984) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى پراۋلېنىيىسىنىڭ سېكرىتارى. ۋشنسكايا بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ موسكۋا، بوگۇچار ۋە ۋشنىسكايا قاتارلىق جايلاردائوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. گراژدانلار ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئېشىنچە ئاشلىق يىغىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن ستاتىستىكىچى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى، بوغالتىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1923 - يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 1924 - يىلى روسىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلار جەمئىيىتى (<A.P.R>)نىڭ ئەزاسى بولغان. 1931 - يىلىدىن باشلاپ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئورگان ژورنىلى <ئۆكتەبر> ژورنىلىدا تەھرىرى ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. 1932 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1934 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1937 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا 1، 10 -نۆۋەتلىك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1965 - يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ: <تىنچ دون>، <ئېچىلغان تىڭ>، <دون دەرياسى ھەققىدە ھېكايە>، <بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى> ناملىق ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ماقالىلىرى توپلىمى <قەلبىمدىكى روسىيە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.