Uyghur主要词典
شوۋىگۈرۈچ
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى 140 گرام، سەۋزە ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ ئازراق، گۈرۈچ 140 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، يۇمغاقسۈت ئازراق.
. قوي گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يىغىلغان كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۈرۈچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ، تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ، گۈرۈچ ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىياز، پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. پىشقان شوۋىگۈرۈچىنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە چانالغان يۇمغاقسۈتنى، قارىمۇچنى سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، قوينىڭ قۇيرۇق يېغى 140 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇرۇپ 140 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، قارىئۆرۈك قېقى 15 تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، يۇمغاقسۈت ئازراق.
1. گۈرۈچنى ئىسسىق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ. قوينىڭ قۇيرۇق يېغى بىلەن تۇرۇپ شېشىغال قىلىپ توغرىلىدۇ. قارىئۆرۈك قېقى پاكىز يۇيۇلىدۇ، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، سۇڭپىيازلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. گۈرۈچنى قايناق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، گۈرۈچ يېرىم پىشقاندا قۇيرۇق ياغ ۋە تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرۇپ، ئارقىدىن قارىئۆرۈك قېقى، پەمىدۇر، زەنجىۋىل سۈيى، تۇزنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، 7-5 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندا سۇڭپىيازنى ۋە يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، چوڭ چىنىلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا قو
يۇلىدۇ.
بۇ ئاشنى ئۇستىخانلارنى قاينىتىپ ئېتىشكىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
شورپا + گۈرۈچ
ئىسىم
سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ، قىيما، پىياز، يۇمغاقسۈت، قۇرۇق مېۋىلەر سېلىنىپ، قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق يېمەكلىك