Uyghur主要词典
شوگناتنىڭ ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە توكوگاۋا شوگۇنلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ناگاسا ۋاسساللىقىغا قارشى ئۇرۇش. جەمئىي ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن: (1) ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقەدىن كېيىن، 1864 - يىلى 8 - ئايدا، شوگنات غەربىي قىسىمدىكى ۋاسساللىقلارغا ناگاساۋاسساللىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىشنى بۇيرۇغان. 9 - ئاينىڭ بېشىدا ناگاسا ۋاسسالى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گوللاندىيە تۆت دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچراپ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە قىيلىنىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان. ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن كونسېرۋاتىپلار شوگناتقا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقەنىڭ ئاساسىي جاۋاپكارى ئاقساقال ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبور بولغان. شوگنات ئىككىنچى يىلنىڭ بېشىدا ناگاسا ۋاسساللىقىنى جازالاشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. (2) 1864 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 5186 - يىلنىڭ بېشىغىچە، ناگاسا ۋاسساللىقىدىكى تاكاسۇكى قاتارلىقلار شموزېكىدا ئەسكەر تارتىپ كونسىرۋاتىپلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋاسسال ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ھەمدە ھەربىي، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بارگاھقا قارشى ئۇرۇش قىلىش تۈزۈلمىسىنى تەييارلىغان. 1865 - يىلى ئەتىيازدا شوگنات ئىككىنچى قېتىملىق ناگاساغا جازا يۈرۈشى قىلىش بويرۇقىنى چۈشۈرگەن. 1866 - يىلى 3 - ئايدا ناگاسا ۋاسسالى سامو ۋاسسالى بىلەن شوگناتقا قارشى جازا ئۇرۇشىقىلىش ھەققىدە مەخپىي شەرتنامە تۈزگەن. شۇيىلى 7 - ئايدا شوگنات ئىككىنچى قېتىملىق ناگاساغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى رەسمىي قوزغىغان. ئەمما سامو باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن بەگلەر ئۇرۇش قىلىشقا ياردەملىشىشنى رەت قىلغان، ئەسكەر چىقارغان ئازساندىكى بەگلەر ئۇرۇشتا كۈچ چىقارمىغان. بارگاھقا قاراشلىق جايلاردىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بارگاھ قوشۇنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 8 -ئايدا سىياگۇن توكوگاۋا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەن، 10 - ئايدا شوگنات قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن شوگنات قايتائەسلىگە كېلەلمىگەن.