Chinese→Uyghur主要词典
士瓦本城市同盟
دۇنيا تارىخى
شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقى
گېرمانىيىنىڭ شىۋابېن رايونىدىكى ئۇلم، كونستانز، ئاۋگىسبۇرگ قاتارلىق 14 ئىمپېرىيە شەھىرى ئۇيۇشقان ئىتتىپاق. بۇ ئىتتىپاق 1331 - يىلى قۇرۇلۇپ، ئارىلىقتا تارقىلىپ كەتكەن، 1376 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان. كىنەزلەرنىڭ ئېغىر بېجىغا ۋە رىتسارلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 1377 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە رېئوتلىنگېندا گراف ۋۇرتتېمبېرگنىڭ قۇشۇنىنى يەڭگەن.شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قىسىم شىۋابېن شەھەرلىرى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1381 - يىلى رېين شەھەر ئىتتىپاقى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن، كېيىن فرانكنىيە، باۋارىيىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر قوبۇل قىلىنغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەر 80 نەچچىگە يەتكەن. 1388 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە پادىشاھى، كىنەزلىكلەر ۋە رىتسارلار بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1389 - يىلى تارقىلىپ كەتكەن.