Chinese→Uyghur主要词典
士瓦本
دۇنيا تارىخى
شىۋابېن
ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيىدىكى بىر كىنەزلىك. ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى، فرانسىيىدىكى ئالىساسېنى، شۋېتسارىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، بۇ رايون فرانكلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. 843 - يىلى چارلېس ئىمپېرىىيسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىغا بۆلۈپ بېرىلگەن، Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كىنەزلىك بولغان. 1268 - يىلى بىرنەچچە كىچىك كىنەزلىككە بۆلۈنگەن، مەسىلەن، ۋۇرتتېمبېرگ كىنەزلىكى، ئاۋگسبۇرگ ئېپسكوپ رايونى ۋەھاكازالار.ⅡⅩ ئەسىردىن تارتىپ، ئاۋگسبۇرگ، ئۇلم، كونستانز قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ سودا - سانائىتى جانلانغان. 1376 - يىلى، يۇقىرىقى شەھەرلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، شىۋابېن شەھەر ئىتتىپاقىنى قايتىدىن تۈزگەن. 1524 - 1525 - يىللاردا گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىۋابېن رايونىدىكى دېھقانلار ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
shì wǎ běn
شۋابېن