Chinese→Uyghur主要词典
士祸
دۇنيا تارىخى
ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى
چاۋشىيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئىككى بيۇروكراتلار گۇرۇھىدىكى ھوقدار تۆرە چوڭ بومېشچىكلار بىلەن ئوتتۇرا، كېىچىك پومېشچىكلار ئىچىدىن يېڭىدىن روناق تاپقان بۇيۇروكراتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش مەزھەپ كۈرىشى. ھوقۇقدار تۆرىلەر يەرنى كەڭ ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنى تۆھپىكار ئەمەلدار دەپ ئاتىۋالغانىدى. لى سۇلالىسى كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنى قەدىرلەپ، ئۇنى دۆلەت دىنى قىلغان، ئوتتۇرا، كىچىك پومېشچىكلار ھۆكۈمەت مەكتىپىدە ۋە شەخسىي مەكتەپتە كۇڭزى تەلىمىنى قوبۇل قىلغان، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمى ئارقىلىق مەنسەپكە ئېرىشىپ، كۇڭزىچى موللىلار ياكى ئەھلى ئلىملەر دەپ ئاتالغان. چېڭزۇڭ دەۋرىدە (1469 - 1494-يىلى تەختتە تۇرغان)، جىڭ زۇڭجى قاتارلىق ئەھلى ئلىملەر خانلىق كۇتۇپخانىنىڭ ئەمەلدارى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، خاننىڭ يېقىن مەسلىھەتچىھى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتناشقان. بۇنىڭ بىلەن تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا قارشى سىياسىي مەزھەپ شەكىللەنگەن. يەن شەنجۈن (1494 - 1506-يىلى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە ئىككى تەرەپنىڭ كۈرىشى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1498-يىلى (ئات يىلى) تۆھپىكار ۋەزىر لى كېدۇن، ليۇ زىگۇاڭ قاتارلىقلار جىڭ ياڭسۈننىڭ <چىڭزۇڭنىڭ ئىشەنچىىك تارىخى> نى تۈزگەن چاغدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئۆز ئۇستازى جىڭ زۇڭجى (شۇ چاغدا ۋاپات بولغان) نىڭ <ئادالەتەپەرۋەر خانغا تەزىيە> دېگەن ماقالىسىنى كىرگۈزۈپ، لى كېدۇننىڭ سىللا ۋىلايىتىگە نازارەتچى بولغان چاغدىكى يامان قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، يەن شەنجۈننى شۇنىڭغا چېتىشلىق ئەھلى ئىلىملەردىن بىر قانچە ئون كىشىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ياكى سۈرگۈن قىلىشقا قۇتراتقان. جىڭ زۇڭجىننىڭ قەبرىسى قومۇرۇۋېتىلىپ، جەسىتى يوقىتىلغان. مانا بۇ <ۋۇۋۇ يىلىدىكى ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1504-يىلى (چاشقان يىلى)، يەن شەنجۈن خان جەمەتىنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپىكار ئەمەلدارلارنى ھەدەپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئىچكى مۇلازىمەت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ ئىش ئەھلى ئىلىملەرگە ئاپەت كەلتۈرگەن، بۇ <چاشقان يىلىدىكى ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭزۇڭ دەۋرىدە (1506 - 1544-يىلى تەختتە ئولتۇرغان) ئەھلى ئىلىملەر يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا قاتتىق قاتتىق زەربە بەرگەن. 1519-يىلى (ئىت يىلى) نەن گۈن، شېن جېن قاتارلىق تۆھپىكار ئەمەلدارلار خائىنلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دېگەن بەتنام بىلەن ئەھلى ئىلىم جاۋگۇڭزۇ قاتارلىقلار زىيانكەشلىك قىلغان، نەچچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە سۈرگۈن قىلغان، بۇ <ئىت يىلدىكى ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ئەھلى ئىلىملەر قايتىدىن قوزغالغان ھەمدە خان جەمەتى، شىرەم تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىگە قاتناشقان. 5151-يىلى (ئىلان يىلى)، ھوقۇقدار ئەمەلدار ن يۈەنخېڭ (كىچىك يىن) ين رېن (چوڭ يىن) تەرەپتىكى ئەھلى ئىلىملەردىن بىر قانچە ئون كىشى ئۆلتۈرگەن ۋە سۈرگۈن قىلغان، بۇ <ئىلان يىلىدىكى ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1565-يىلى يىن يۈەنخېڭ قوغلىۋېتىلگەن، ئەھلى ئىلىملەر مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەھلى ئىلىملەر ئاپىتى كونا ئەھلى ئىلىملەر بىلەن يېڭى ئەھلى ئىلىملەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشقا ئايلانغان.