Uyghur主要词典
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىس
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرى<قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ۋارىسلارنىڭ ئالىدىغان مۇقىم نېسىۋىسى <نېسىۋىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى> دېيىلىدۇ. شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق <پەرز> قىلىنغان بولسىمۇ، قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئادىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى. ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بۇنداق ئىككى خىل مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سۈننىي مەزھىپى تۆۋەندىكى ئىككى ئاساسىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلدى: (1) مىراس ئىگىسىنىڭ ھايات چېغىدا مىراسنى ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىشى ھەممە ساپ مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن چەكلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش تەتبىقلىنىدۇ؛ (2) ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ھايات چېغىدا ئادىل ۋەسىيەت قالدۇرۇش، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى تۇغقانلارنىڭ نېسىۋە ۋارىسلىرى توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. يۇقىرىقى پرىنسىپلارنى ۋە <قۇرئان كەرىم> دىكى، ھەدىستىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ چۈشىنىشى پەرقلىنىپ، سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ۋارىسلىق ئەھكاملىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。