Uyghur主要词典
شەرەپلىك ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
1688 - يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تىرىلگەن سىېئۇئارت سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1685 - يىلى كورۇل جامېس Ⅱ فرانسىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، كاتولىك دىنى ۋە فېئودالمۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، بۇرژۇئازىيە كونتروللىقىدىكى پارلامېنت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇپ قېلشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1688 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پارلامېنتتىكى خۇيگلار تورىچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، جامېس Ⅱ نىڭ كۈيئوغلى، پروتېستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەمدە فرانسىيىگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغان گوللاندىيە ھۆكۈمرانى، شاھزادە ئورانگېنى كورۇلغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، جامېس Ⅱ فرانسيىگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى شاھزادە ئورانگې پارلامېنت ماقۇللىغان <ھوقۇق قانۇن لايىھىسى>گەئەمەل قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئايالى مارىي بىلەن بىللە، ئەنگلىيە كورۇلى ۋە كورۇلىۋاسى دەپ ئېلان قىلىنىپ، ۋىليام Ⅲ ۋە مارىي Ⅱ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ پادىشاھ ھوقۇقى زور دەرىجىدە چەكلىنىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇرژۇئازىيە دىكتاتورىسى ماھىيەت قىلىنغان مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورنىتىلغان. خەلق ئاممىسى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنى بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى<شەرەپلىك ئىنقىلاب> دەپ ئاتىغان. بۇ، 17 - ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ خاتىمىسىدىن ئىبارەت.