Uyghur主要词典
شەرەپلىك يىتىم قېلىش سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگىلىيە يولغا قويغان دىپلوماتىك سىياسەت. 1896 - يىلى باش ۋەزىر سالىسبۇرىي لوندون شەھەر باشلىقى زىياپىتىدە نوتۇق سۆزلىگەندە: ئەنگىلىيە<ياۋرۇپا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى>نى قولدا تۇتۇش ئۈچۈن، مۇقىم ئىتتىپاق ۋە گۇرۇھلارغا قاتناشماي، ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك، دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيە - روسىيە گۇرۇھىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى سەۋەبىدىن، جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ، بارا - بارا بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچكەن. 1902 - يىلى ئەنگىلىيە بىلەن ياپونىيە ئىتتىپاق تۈزگەن. 1904 - يىلى ئەنگىلىيە - فرانسيە كېلىشىمى ۋە 1907 - يىلى ئەنگلىيە روسىيە كېلىشىمى ئايرىم - ئايرىم ئىمزالىنىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە،روسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى شەكىللىنىپ <شەرەپلىك يېتىم قېلىش سىياسىتى>گە خاتىمە بېرىلگەن.