Uyghur主要词典
شەرقىي رۇمېلىيا مەسىلىسى
دۇنيا تارىخى
ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۇلغارىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى زېمىنى رومىلىيەگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. 1878 - يىلى 3 - ئايدا روسىيە - تۈركىيە ئىمزالىغان <سان - سېتېفانو شەرتنامىسى>دا بەلگىلەنگەن بۇلغارىيە چېگرىسى، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1878 - يىلى 7 - ئايدا، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر <بېرلىن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، بۇلغارىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا شەرقىي رومىلىيە ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيە سۇلتانىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشىنى بەلگىلىگەن. 1879 - يىلى 4 - ئايدا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلىي نىزامىنى بېكىتىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون تۈركىيە سۇلتانى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرشىدا بولىدۇ، لېكىن بۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 1885 - يىلى 9 - ئايدا، بۇلغارىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى شەرقىي رۇمىلىيەنىڭ مەركىزىي پلوۋدىۋادا باش ۋالىينى قولغا ئېلىپ، شەرقىي رۇمېلىيەنى قايتىدىن بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. 1886 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى نائىلاج بىرلەشتۈرۈلگەن پاكىتنى ئېتىراپ قىلغان. 8190 - يىلى 9 - ئايدا بۇلغارىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەرقايسى ئەللەرشەرقىي رۇمېلىيەنىڭ بۇلغارىيەگە قوشۇۋېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.