Uyghur主要词典
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىسلام تەبلىغات مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رايون خاراكتېرلىك پان ئىسلام دىنىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1980 - يىلى 1 - ئايدا مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھرىدە قۇرۇلدى. باش ئورگىنى كۇئالالۇمپۇردا. مەقسىتى: بۇ رايوندىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىسلام تەربىيىسىنى، پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت. ئاساسىي پائالىيىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسچىت، ئىسلام مەركىزى، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى تارقىتىدۇ. ئىسلام دىنىغا دائىر ھۆججەتلەرنى نەشر قىلىپ تارقىتىپ، ئىسلام تەربىيىسىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، دۇنيادىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇ تەشكىلات ئاۋسترالىيە، برۇنېي، فېجى، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، مالايشىيا، يېڭى كالېدونىيە، يېڭى زېلاندىيە، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى، فىلىپىن، سىنگاپور، تايلاند، كورىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.