Uyghur主要词典
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ،1967 - يىل8 - ئاينىڭ8 - كۈنى قۇرۇلغان. ئەزالىرى: مالايسىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند ۋە ھىندۇنېزىيىدىن ئىبارەت.1984 - يىلى برونېي مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئىتتىپاققا كىرگەچكە، شۇ ۋاقىتتا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتالغان.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق روھى بويىچە، ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، گۈللەنگەن، تىنچ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئورتاق ئاساس تىكلەشنى كۈچەيتىش؛ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەمنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مىللىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى − ھەر يىلى ئېچىلىدىغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى، بۇ يىغىن ئەزا دۆلەتلەردە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساھىبخانا دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رەئىس بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاستىدا دائىمىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، ساھىبخانا دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى رەئىس، باشقا ئەزا دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەزاسى بولۇپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يەنە قەرەلسىز ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىپ چوڭ پىلان ئۈستىدە ئورتاق مەسلىھەتلىشىدۇ.1976 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى جاكارتادا مەمۇرىي باش شتاب سۈپىتىدە مەركىزىي كاتىباتلار باشقارمىسى تەسىس قىلغان، باش كاتىپ مىنىستىرلار يىغىنى ۋە دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يەنە توققۇز ئالاھىدە كومىتېت تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئالاھىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتە مەملىكىتىمىز بىلەن يېقىن بولغاچقا، مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ سودا ئالاقىسى تېخىمۇ مۇھىم.
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىپ <شەرق ئىتتىپاقى> دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ رايون خاراكتىرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1967 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى مەنگۇدا قۇرۇلغان. ئەزا دۆلەتلەر: ھىندۇنېزىيە، تايلاند، فىلىپپىن، سىنگاپور ۋە مالايشيالاردىن ئىبارەت. <شەرق ئىتتىپاقى> قۇرۇلغاندىن كېيىن، <ئۆزئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش>نى تەكىتلىگەن. 1971 - يىلى 11 - ئايدا ئېچىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، <شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى بىتەرەپ قىلىش خىتابنامىسى>نى ماقۇللاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تىنچ، ئەركىن ۋە بىتەرەپ رايونغا ئايلاندۇرۇپ، سىرتتىن كىلىدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلماسلىقنى جاكارلىغان، 1980 - يىلى 3 - ئايدا شەرق ئىتتىپاقى ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرق ئىتتىپاقى - ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرغان. بۇ ئىتتىپاق ھەر يىلى بىر قېتىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان مىنىسترلار يىغىنى ئاچقاندىن باشقا يەنە دائىمىي كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلغان. كاتىبات باشقارمىسى جاكارتادا تەسىس قىلىنىغان.