Uyghur主要词典
شاما قىلىۋەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: ئۇرۇپ - ئېزىپ، پۈتۈنلەي كېرەكسىز قىلىۋەتمەك.
ئۇنى ماڭا قويۇپ بەر، شاما قىلىۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشما، ئۇ يامان نېمە، ۋەتۋەرىكىڭنى چىقىرىۋەتمىسۇن يەنە. تۇرسۇن قادىرنى ئۇرۇپ خام گۆش قىلىۋېتىپتۇ. _ ئۇنداق نېمىنى ئىككى تېپىك بىلەن سۈزمە خالتىسى قىلىۋېتىمەن، _ دېدى پازىل پوچى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتمەك، ئېزىپ مىچىلدىتىۋەتمەك: - ئىشىڭنى قىل، ماڭ! ھېلى بىكار شاما قىلىۋەتمەي، - دېدى ئۇ ئىلھامغا. (2) ۋايىغا يەتكۈزمەك، تولۇق بىلمەك، مۇكەممەل ئىگىلىمەك: ئۇ ساز دېگەننى شاما قىلۋەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتمەك، ئېزىپ مىچىلدىتىۋەتمەك (بىرەر نەرسىنى ئۇرۇش ياكى شۇنداق ھەرىكەت ھەققىدە).
ئىشىڭنى قىلە، ماڭ ھېلى بىكار شاما قىلىۋەتمەي.
ۋايىغا يەتكۈزمەك؛ تولۇق بىلمەك، مۇكەممەل ئىگىلىمەك.
ئۇ ساز دېگەننى شاما قىلىۋەتتى.
- بىز دېگەنچۇ، ياپونچىنى 15 ياش چېغىمىزدا شاما قىلىۋەتكەن، جۇمۇ، - دېدى ئۇ مەيدىسىگە مۇشتلاپ.