Uyghur主要词典
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر قانداق ۋەقە - ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى، يۈز بېرىش سەۋەبى بولىدۇ، ئاساسسىز ئىش بولمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - يىگىتلەر زىياپەت زالىدا ھاراق - شاراب ئىچىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قورال - ياراغلىرىنى تارتىۋېلىپ بىرىنىمۇ قاچۇرماستىن جايلاپ تاشلايدۇ - دە، قوزغىلاڭ باشلىنىدۇ، دېمەك «شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ» دېگەندەك، بىر سەۋەب بولمىسا خەلق قوزغىلامدۇ؟ ! - دېدى شائىر ھاياجېنىنى بېسىۋالالماي.