Uyghur主要词典
شام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياغدىن ئارىسىغا پىلىك سېلىپ ياسالغان، يۇرۇتقۇچ نەرسە.
شام ياقماق. * شامچى. * شامدان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . گۇگۇم چۈشكەن، كۆز قارايغان چاغ.
شام ۋاقتى. * شام بولدى، شام ياق.
2 . مۇسۇلمانلار كۈندە ئۆتەيدىغان بەش ۋاخ نامازنىڭ تۆتىنچىسى، نامازشام. شامنى ئۆتىمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەچقۇرۇن، شام؛ قاراڭغۇلۇق، تۈن، كېچە:
رىھى سۇبھى ئۇمرۇم يېتىپ شام ئارا،
بۇ سەۋدا بىلەن قالمادى ئەقىل ھۇش.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەچقۇرۇن، كۆچمە مەنىسى: قاراڭغۇ كېچە؛ شام تار - قاراڭغۇ كېچە؛ شام دەيجۇر - ئەڭ قاراڭغۇ تۈن؛ شام تائامى - كەچكى تاماق؛ شام ئەسكەرى - كېچە قاراڭغۇلۇقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي ۋە يولنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ. ھەر كىمنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇقى ئۆزىگە چۈشەر. سەن چىراغنى كۆرەلمىسەڭ، چىراغ بىلەن نېمە كۆرۈرسەن؟ شام خەقنى يورۇتار، ئۆزىنى يوق قىلار. ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددى شامدەك باشتىن ئاخىرغىچە نۇر چېچىپ تۇرۇشى كېرەك. پانار كېچىنىڭ كۈنى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن، تاڭ، سەھەر، سۈبھى، بامدات
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت.
ئۇلار شام ئارىلىقىدا بىر شەھەرگە كىرىپتۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندە ئۆتەيدىغان بەش ۋاخ نامىزىنىڭ تۆتىنچىسى.
دادام شامنى ئۆتەپ بولۇپ قايتىپ چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھايۋان مېيىدىن ئوتتۇرىسىغا پىلىك بېكىتىپ ياسايدىغان چوكىسىمان چىراغ.
ئۇلار چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغىنىدا، شام تۈگەپ ئۆچۈپ قاپتۇ.