Uyghur主要词典
سەييىد جاھانىگىر سۇلتان ھاكىمىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىقلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. داۋگۇاڭنىڭ 6 - يىلى (1826) 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قولغا ئېلىپ، ئۆزىنى <سەييىد جاھانگىر سۇلتان> دەپ ئاتىدى. قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، شىمالدا كۇچاغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلاردا يەرلىك ھاكىمىيەت قۇردى. قوقان خانلىقىنىڭ تۈزۈلمىسى بويىچە ئوردا ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. قوقانلىق ئوفېتسىر ئەيسا ۋە مۇسالار، قوقانلىق كاتتىۋېشى تۆرىخان ۋە سامخانلار چوڭ ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا ئالدى (مەسىلەن، يېڭىسار، خوتەن ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردا ھەربىي ئىشلار ھوقۇقىنى قوقانلىقلار تۇتتى). شەرىئەتنى يولغا قويۇپ، مەھكىمە شەرئى قۇردى. قازى شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم كەستى ھەمدە رەھىمسىز جازالاشنى يولغا قويدى (مەسىلەن، گۇناھكارنىڭ قولىنى، پېيىنى كېسىۋەتتى. گۇناھكارنى تىرىك كۆمدى. چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى). ئۆشرە - زاكات يىغدى، مازار مەسچىتلەرنى سالدى. داۋگۇاڭنىڭ 7 - يىلى (1827) 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قەشقەرنى قايتۇرۇۋالدى. سەييىد جاھانگىر سۇلتان ھاكىمىيىتى يوقالدى.