Uyghur主要词典
سەييىد بەدەۋى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى تەنتا شەھىرىدە. بۇ مەشھۇر سوپى، بەدەۋىيە دىنىي پىرقىسىنى قۇرغان بەدەۋىنىڭ قەبرىگاھىدۇر. بۇ مەسچىت 1276 - يىلى شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىستىغپارخانىسى شەكلىدە سېلىنغان. كېيىن قايتا سېلىنىپ، تۈۋرۈكلىرى ۋە ياغاچ بىلەن يېپىلغان ئۆگزىسى ئىچىگە پولات چىۋىق ئېلىنغان سىمونتقا ئۆزگەرتىلگەن. تورسقا سۈرە - ئايەتلەر ئويۇلغان. تۆت تام رەڭلىك مەرمەر تاشلار بىلەن نەقىشلەنگەن. مەسچىتنىڭ ئالدىدا يەتتە دەرۋازا، ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 75 مېتىر كېلىدىغان ئىككى پەشتاق بار. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 12 مىڭ 600 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. زال ئىچىگە ئىمام بەدەۋىنىڭ ئىراقتىن ئېلىپ كەلگەن تەسۋىسى (مىڭ تال مەرۋايىت بىلەن تەييارلانغان)، ھاسىسى، سەللىسى، قىزىل كۆڭلىكى ۋە تاغىقى تىزىپ قويۇلغان. مەسچىت كىتابخانىسىدا ساقلانغان كىتاب 10 مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قول بىلەن كۆچۈرۈلگەن دىنىي كىتابتىن 200 پارچە بار.