Uyghur主要词典
سەييىد ئەھمەدخان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى ئىسلام تەربىيىچىسى ۋە ئىسلاھاتچىسى. دېھلىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا ئەرەبچىنى، پارسچىنى ۋە ئىلمىي تەۋھىدنى تەتقىق قىلدى. 20 يېشىدا قازى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ سىر ئۇنۋانىنى ئالدى. كاراچى، بومباي ۋە ھەيدەر ئاباد قاتارلىق جايلاردا دىنىي ئىسلاھاتنى تەشۋىق قىلدى. 1864 - يىلى ئالىگاردا ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇپ، غەربنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. 1869 - يىلى ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، <ئېتىكا ئىسلاھاتچىسى> ناملىق ئايلىق ژۇرنال چىقاردى. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇسۇلمانلار گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم شەرتى، دەپ قارىدى. 1873 - يىلى ئالىگار مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇردى. دىنىي تەلىم - تەربىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىندىن تاشقىرى مائارىپنى ۋە غەربىي ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، ئوردو يېزىقىنى قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. سەييىد ئەھمەدخان <ئەۋلىيالارنىڭ سۆزلىرى> <خرىستىئانلارنىڭ غىزالىنىش مۇراسىمى>، <ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى توغرىسىدا، نۇتۇن ۋە مەكتۇپلەر توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.