Uyghur主要词典
ساختا خەتەرلىك نەرسىلەرنى سېلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچى قاتارلىق ساختا نەرسىلەرنى سېلىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچى قاتارلىق ساختا نەرسىلەرنى سېلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى قەستەن ۋەھىمە، پاتىپاراقچىلىق پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
291 - ماددا يالغان پارتلاتقۇچ، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سالغان ياكى پارتلاتقۇچ ئارقىلىق تەھدىت سېلىش بىئوخىمىيىلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن تەھدىت سېلىشقا ئوخشاش تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىققان ياكى توقۇپ چىقىلغان تېررورلۇق ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بىلەىپ تۇرۇپ، قەستەن تارقاتقانلاردىن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。