Uyghur主要词典
ساختا ئىسىدۇر دىنىي ئەمىر پەرمانلار توپلىمى
دۇنيا تارىخى
كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى توپلىمى، مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فرانسىيىدە مەيدانغا كەلگەن. تۈزگۈچىنىڭ تەخەللۇسى ئىسىدۇر مېركاتور. دىنىي ئەمىر - پەرمان، پاپانىڭ خەت - چەكلىرى، چېركاۋ قارارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى پاپانىڭ چېركاۋ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى بارلىقى ۋە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتلەردىن مۇستەقىل تۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئەسىردە دائىم پاپا تەرىپىدىن دەھرىي پادىشاھلار بىلەن ھوقۇق تالىشىشنىڭ ئاساسى قىلىنغان. 17 - 1 6 -ئەسىرلەردەئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.