Uyghur主要词典
ساختا پەيغەمبەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغانلار ئىسلام دىنىدا <ساختا پەيغەمبەر> دەپ كەمىستىلدى. <قۇرئان كەرىم> دە ئيېتىلغاندەك ئاللاغا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى ... دېگەن كىشىلەر ... (6 - سۈرىيىنىڭ 93 - ئايىتىدىن) ساختا پەيغەمبەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋاسى قىلغۇچى) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ <رىددە> ھەرىكىتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇلارنىڭ بىر قەدەر مەشھۇرلىرى شىمالىي قىسمىدىكى ئەسەد قەبىلىسىدىن تۈلەيھە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەنىفە قەبىلىسىدىن مۇسەيلىمە ۋە تەمىم قەبىلىسىدىن ساجاھ؛ جەنۇبىي يەمەن رايونىدىن ئەسۋەد قاتارلىقلاردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز قەبىلىلىرىدىكىلەرنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆشرە - زاكات بېرىشنى رەت قىلدى. ئىسلام دىنىغا قارشى چىقتى. كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلدى. بۇلاردىن تۆلەيھە يېڭىۋاشتىن دىنغا كىرگەندىن باشقا، قالغانلىرى ئۆلتۈرۈلدى.