ساپⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاڭ-توزاندىن خالىي، سۈزۈك، پاكىز:[مىسال:] ھاۋا شۇ قەدەر ساپ ئىدى، ئاسماندا تولۇن ئاي كۈلەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقا ئارىلاشمىسى بولمىغان، تازا:[مىسال:] ساپ ئالتۇن. * ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، موڭلۇق ھەم ساپ ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داغ تەگمىگەن؛ يامانلىق، ئەيىب-نۇقسان، ئىللەتتىن خالىي؛ پاك:[مىسال:] ساپ ئەخلاق. ساپ ئىشق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقا بىرىنىڭ ئەجرى ئارىلاشمىغان، ھالال:[مىسال:] ياڭرىدى كۆكتە، ساپ مېھنەت سازى. دېھقانلار بۇندىن بولۇشتى رازى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، تامامەن:[مىسال:] سىز توغرا تىجارەت قىلماي ساپ قانۇن تېشىدىكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرسىڭىز. مەن سىزگە قانداقمۇ ئەقىل كۆرسىتىمەن