ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەستە، تۇتقۇچ،
كەتمەن سېپى. * ئۆتمەس پىچاققا ئالتۇن ساپ (ماقال) . * تاز قىزغا ئەر تاپماق تەس، قىدام كەكىگە ساپ (تەمسىل) . * پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپ قويۇپتۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . پاك
ساپ ئالتۇن. * ساپ پايدا. * ساپ پاختا.
2 . تازا، پاكىز، غۇبارسىز. ساپ ھاۋا - تەنگە داۋا (ماقال) . * ساپ ئادەم.
بىر پەرت:
بولساڭ سەن دۇنيادا ياخشى _ كۆڭلى ساپ،
ئۇنارمەن كەتمەنگە قىلاي دېسەڭ ساپ.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
پۈتۈنلەي، تامامەن («لا» قوشۇلۇپ «ساپلا» بولۇپمۇ كېلىدۇ)
ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالە دېگىنى ساپ ئويدۇرما. * بۈگۈنكى مەجلىسكە ساپلا ئەرلەر كەپتۇ. * بۇ ساپلا بىز ئۆگەنمىگەن سۆزلەر ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن بولغانمىغان، تازا، پاكىز.
ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ئۆزى پاكقا ھەممە پاك. ئاق بولسۇن، پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا. ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىن - سىرىن، بىرىدىن كېيىن بىرى ئىشلىنىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ تەرتىپى.
تۈگمەنگە نۆۋىتىڭ كەلگەندە بار. مۆرىتى كەلگەندە دەيدىغاننى دېۋالدىم. كېزەك كەلسە، كېرەك پۈتىدۇ.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىساپ.
قىىچ ۋە پىچاقنىڭ سېپى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوغلان ئىشى بولماسئوغلاق مۈڭزى ساپ بولماس _ بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاق مۈڭگۈزى ساپ بولماس.
3 - 198
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىنۆۋەت.
بىرەر سۆزگە جاۋاب بېرىشتىكى نۆۋەت. ئۇن تارتىش، يەر سۇغىرىش نۆۋىتىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئول سۆزلەگەلى (يازما نۇسخىدا بۇ سۆز «» شەكلىدە يېزىلغان. بىز كۆچۈرۈشتە « گەلى» قوشۇمچىسىدىن ئالدىن پېئىل ياسىغۇچى «لا _ لا ياكى لە» قوشۇمچىسى ئۇنتۇلغان دەپ ھېسابلاپ، بۇ سۆزنى «سۆزلەگەلى» دەپ ئالدۇق.) ساپ بېرمەس _ ئۇ سۆز نۆۋىتىنى قولدىن بەرمەس. ئۇن تارتىش ۋە باشقىلارغىمۇ « سەنىڭ ساپ كەلدى _ سېنىڭ نۆۋىتىڭ كەلدى» دېيىلىدۇ.
3 - 198
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىتەرتىپ؛ قۇر
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى