Uyghur主要词典
سابىيلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇرۇنقى تەرجىمىلەردە «سابىئوتلار» دەپ ئېلىنغان. «قۇرئان كەرىم» دىكى ئەھلى كىتابلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ. «... ئاللاغا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان» مۆمىنلەر، دەپ قارىلىدۇ. (2 - سۈرىنىڭ 62 - ئايىتى). تەپسىردە بايان قىلىنىشى بىر خىل ئەمەس. (1) ماندا مەزھىپى دېيىلىدۇ. بۇ يەھۇدىي دىنىدىكىك گنوستى ئىككى ئىلاھلىق مەزھەپنى مەنبە قىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى «يەھيا ئەلەيھىسسالامغا ئەمەل قىلغۇچىلار» دەپ ئاتاپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنىدۇ. «گىنزا» نى مۇقەددەس كىتاب دەپ بىلىدۇ. كىشىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىنغان ھاياتلىق بىلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ، روھىنى قوتقۇزۇپ قالغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. (2) ھەرراننىڭ يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلىرى دېيىلىدۇ. ئەھلى كىتاب مۇئامىلىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن باشقىلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارنى ياسىغان. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە بۇلار چېقىۋېتىلگەن.