Uyghur主要词典
سانتا ئاننا
دۇنيا تارىخى
(1794 - 1876) مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1833 - 1835، 1841 - 1844، 1847 - 1846، 1853 - 1855). مۇستەبىت، مۇستەملىكىچى ئارمىيىنىڭ ئوفىتسىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، كېيىن ئىتۇربېدېغا بېقىنغان. مېكسىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئارمىيىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 1833 - يىلدىن باشلاپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، كېيىن دۆلەت ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان. 1838 - يىلى تېكساس توپىلاڭچىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، تېكساسنىڭ <مۇستەقىل>لىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا - مېكسىكا ئۇرۇشى مەزگىلى (1846 - 1848) دە، 1847 - يىلى 9 - ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1848 - يىلى ئامېرىكا بىلەن <گۋادالۇپې - ھىدالگو شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، مېكسىكا يېرىمىدىن كۆپرەك زېمىنىدىن ئايرىلغان. 1853 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك مۇستەبىت قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە <گادسدېن شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، مېكسىكىنىڭ مېسىلىيە جىلغىسىدىكى 120 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى ئامېرىكىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىپ بەرگەن. بۇ تارىختا <گادسدېن سېتىۋالغان يەر> دەپ ئاتالغان. ئەكسىيەتچل ئىچكى - تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1855 - يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1874 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.