Uyghur主要词典
سان پاۋلو
بىئولوگىيە
برازېلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ مەيدانى 1600 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەر ئاھالىسى 8 مىليون 630 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 12 مىليون 78 مىڭغا يېتىدۇ (1980). بۇ شەھەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك 900 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھەممە ۋاقتى باھاردەك يىللىق تۇرىدۇ. شەھەر بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى پورتى سانتۇس ئارىلىقى 63 كىلومېتىر كېلىدۇ، سانتۇس برازېلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت شەھىرى. سان پاۋلو جايلاشقان ئورۇنغا 1554 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ شۇ جايدا كىچىك مەھەللە قۇرغان. 1822 - يىلى برازېلىيە مۇشۇ شەھەردە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەھەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تېز تەرەققىي قىلىپ برازېلىيە بويىچە چوڭ سانائەت شەھىرىگە ئايلانغان. ھازىر بۇ جايدا چوڭ - كىچىك 65 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت - فابرىكا بار. شەھەردىكى ئىشچىلار سانى 2 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، برازېلىيە بويىچە سانائەت ئىشچىلىرى ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەدىمىي سانائەت تارمىقى توقۇمىچىلىق بولۇپ، سان پاۋلو ئۆلكىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى خام ئەشيا قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، 60 - يىللاردىن باشلاپ شەھەرنىڭ باشقا خىل سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، بالون ئىشلەش، ئايروپىلان ياساش، ھەرخىل ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر، نېفىت - خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، قەغەز، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سان پاۋلودا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىل پۈتۈن برازېلىيىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان %90 نى ئىگىلەيدۇ. برازېلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى سان پاۋلو شەھىرىدە قۇرۇلغان. ھازىر سان پاۋلو شەھىرىدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن برازېلىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك سانائەت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ مالىيە كىرىمى پۈتۈن دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ % 35نى تەشكىل قىلىدۇ. سان پاۋلو شەھىرىىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، 27 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تۆمۈريولى، 4 مىليوندىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىل بار. ھازىر سان پاۋلو شەھىرىدە جۇڭگولۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى 100 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، ئۇلار 1810 - يىلدىن باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىشىشقا باشلىغان، ئۇلار شەھەر مەركىزىگە يېقىن <شەرقلىكلەر رايونى> دا ئولتۇراقلاشقان.