Uyghur主要词典
ساناقلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇنچە كۆپ ئەمەس، چەكلىك مىقداردىكى.
ئۇنىڭ ساناقلىق كۈنى قالدى. ھېسابلىق كۈنۈڭنى ھېسابلاپ ئۆتكۈز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سانالغان، سان - سانىقى مەلۇم.
سانسىز، سان - ساناقسىز، ھېسابسىز، ھەددى - ھېسابسىز
سان - سانىقى يوق، ئەدىدى يوق.
سانلىق مەلۇمات تەھلىل ئۈچۈن زۆرۈر. ساناقلىق قوينى بۆرە يېمەس. ھېسابلىق سۆز - سالماقلىق سۆز. ئاي يالغۇز، يۇلتۇز سانسىز. سان - ساناقسىز يالتىراق قوڭغۇز بىر چىراغقا دال كەلمەس. ھېسابلىق كۈنۈڭنى ھېسابلاپ ئۆتكۈز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سانالغان، سانى مەلۇم.
يانچۇقۇمدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسى ساناقلىق.
كۆچمە. بىر نەچچىلا، ئازلا.
ئارىدىن ساناقلىق كۈنلەر ئۆتۈپ، زەي - شورغا قارشى ھەرىكەت دادۈي مىقياسىدا باشلىنىپ كەتتى.