Uyghur主要词典
ساناق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىلەرنىڭ قانچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان چۈشەنچە.
ساندا بار، ساناقتا يوق. كۆڭلۈڭدە سان بولسا، يېرىم غەلىبە قىلغىنىڭ. نادان دوستنى ساناققا قوشما. ئېدىتسىز ئىش يوق، ئىشنى بىل، ئېدىتىنى بىل. بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار، ھەسەتتە يا چەك يوق، يا مىقدار. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
شەيئىلەرنىڭ مىقدارى، ئەدىدى.
سۈپەت، ساپا
شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى، بەلگىسى.
ساماندا كەتكەن دان ساندا يوق. سانى بار، ساپاسى يوق. سۈپەت بىرىنچى. قارىغۇ جۇۋاۋا يەيدۇ، سانى كۆڭلىدە تۇرىدۇ. نادان دوستنى ساناققا قوشما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
شەيئىلەرنى بىرمۇبىر، دانىمۇدانە قىلىپ ساناش ۋە ساناشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە.
بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانىقى ئوتتۇز (ماقال).
ھېساب - كىتاب، ھېسابات.
ساناق باشلاندى. دەپتەردىكى تىزىم بويىچە ئالدى بىلەن يىللىقچىلارنىڭ ئىسمى چاقىرىلىشقا باشلىدى.
سان، رەقەم.
شۇ چاغلاردا سەندەك ئىدىم، يېڭى كىرگەن مەكتەپكە. كۆندۈرگەنىدىم قولۇمنى، ساناق بىلەن ھەرپكە.