Uyghur主要词典
سانت گوتتارد تونېلى
بىئولوگىيە
ئوتتۇرا ياۋروپادىكى شۋېتسارىيە بىلەن جەنۇبىي ياۋروپاغا جايلاشقان ئىتالىيە چېگرىسىدىكى ئالىپ تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم تونېل، بۇ جايدىكى تاغ ئاغزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2112 مېتىر بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوتتۇرا ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ياۋروپا ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ جايدىكى تۆمۈريول تونېلى دېڭىز يۈزىدىن 1100 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۆتىدۇ. بۇ تونېل 1872 - يىلدىن 1882 - يىلغىچە قېزىلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14.9 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تونېل قېزىلغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىنىڭ شىمالىدىكى بازىل شەھىرىدىن يولغا چىققان پويىز بىۋاسىتە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پىياۋسۇ دېگەن ئورۇنغا كېلەلەيدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئورۇن مۇھىم خەلقئارا قاتناش لىنىيىسىگە ئايلاندى.