Uyghur主要词典
سان ستېپېن پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
«سان - ستېپېن پادىشاھلىقى»ئاۋستىرىيە ھابسبۇرگ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيە ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان رايونلار. ئەسلى مىلادى 1000 - يىلى كىنەز ستېپېن (<ستېپان> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) قۇرۇپ چىققان ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1687 - يىلى ئاۋسترىيە تۈركلەرنى ۋېنگرىيەدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن،ئاۋسترىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅰ سان - ستېپېنغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھابسبۇرگ سۇلالىسى ۋېنگرىيىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ جاكارلىغان. 1699 - يىلدىن باشلاپ پۈتكۈل ۋىنگرىيە ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان زىمىنلار ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا قويۇلغان. كېيىن ۋېنگرىيە خەلقى ۋە لىبرال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، 1784 - يىلى ئاۋستىرىيە كورۇلىجوسېف Ⅱ سان - ستېپېنغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈشنى رەت قىلغان ھەمدە پادىشاھلىق تاجىنى ۋېناغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئاجىزلاتقان، لېكىن 1790 - يىلى جوسېف Ⅱ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئاۋسترىيىگە تۇتىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، سان - ستېپېننىڭ پادىشاھلىق تاجىنى ۋېنگرىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. شۇ يىلى 2 - ئايدا، ئوغلى لېئوپولدا Ⅱ ۋېنگرىيە ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم بېرىپ، پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ ۋېنگرىيە كورۇلى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاۋسترىيە خان جەمەتى بىلەن ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاقى مەيدانغا كېلىپ، ۋېنگرىيە ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. 19 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى، ترانسىلۋانىيە كىنەزلىكى، كرودىيە پادىشاھلىقى، سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى، سېربىيىنىڭ ۋويۋودىنا ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1867 - يىلى ۋېنگرىيە بىلەن ئاۋستىرىيە قوشۇلۇپ، ئىككى پالاتالىق ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، بۇ نام كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغان.