Uyghur主要词典
سان سالۋادور ئارىلى
بىئولوگىيە
ۋاتىلىن ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى باھاما تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بىر كىچىك ئارال. ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر، 8 كىلومېتىر، مەيدانى 155 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 1000 دىن ئاشىدۇ. ئارالنىڭ يەر ۋەزىيىتى تەكشى، سازلىقلار، ئۇششاق كۆللەر كۆپ. ئىقلىمى مۆتىدىل كېلىدۇ، بۇ ئارال بۇرۇن <گۋاناخانى> دەپ ئاتالغان. 1942 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كولۇمبو ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بۇ ئارالغا بىرىنچى بولۇپ چىققان، كېيىن بۇ ئارالنىڭ نامىنى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتكەن. 18 - ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ھازىر باھاما جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆكتات، تروپىك مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ، قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋا بېقىلىدۇ، ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ ئارالدا باشقا ئاراللار بىلەن بېرىپ كېلىشتە پايدىلىنىدىغان ئايرودروم، ئا ق ش نىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن ئىز قوغلاش پونكىتى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى، شەرقىي شىمال تەرەپتە 1887 - يىلى قۇرۇلغان يول كۆرسىتىش چىرىغى بار.