Uyghur主要词典
سان ستېفانو سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىروسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى 1877 - 1878- يىللىرىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش سۈلھ شەرتنامسى. 1878 - يىل 3 - ئاينىڭ3 - كۈنى سان ستېفانو (ئىستانبولنىڭ يېنى)دا ئىمزالانغان. سۈلھ شەرتنامىسىغا ئاساسەن، روسىيە جەنۇبىي كاپكازنىڭ كارس، ئارداگان باتۇمى بايازېت قاتالىق جايلىرى ۋە بىسسارابىينىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئىگە بولغان، سېربىيە، رۇمىنىيە، مونتېنېگرو تۈركيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ بوسىنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان؛ بۇلغارىيە كىنەزلىكى قۇرۇلغان. روسىيە كۈچىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كېڭەيمىچىلىكى ئەنگىلىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇيىلى <بېرلىن شەرتنامىسى> ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。