Uyghur主要词典
سامان قورساق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) قورسىقى سېلىنغان، قورسقى چوڭ، ئىلغىماستىن كۆپ يەيدىغان: ئامبالنىڭ يارلىقى بىلەن ھەممە يۇرتنىڭ بەگ، يۈز بېشىلىرى يىغىپ كېلىندى قاتتىق سوراق قىلىنىدى، ئاتچىنىڭ سامان قورسىقى بېگى ئالدىدا قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ سۆزلىدى. (2) قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى بولمىغان، دۆت، كالۋا: - سەن سامان قورساقتىن بۈگۈن تۈزۈكرەك بىر نەرسە شىلىۋالمىسام، قاسىم جىڭسا بولماي كېتەي!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دۆت، كالۋا.
ئوفىتسېر مەنسۇر شاڭيونى <سامان قورساق> دەپ تىللىدى.