Uyghur主要词典
سامانىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(874 - 999) پرسىيە، خۇراسا، ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىدىكى يەرلىك ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى ئەھمەد بىننى سامانى (819 - يىلىدىن 648 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قۇردى. سامانى ئەسلىي ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلختە ئۆتكەن فېئودال بولۇپ، زوروئاسترىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاقسۆڭەك ئىدى. ئۆزىنى ساسانىيلار پادىشاھىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتاپ، كېيىن ئىسلام دىنىغا كىردى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇنغا سادىق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى سەمەرقەنت، فەرغانە، شاش ۋە ھراتنىڭ ۋالىلىرى بولۇپ، مۇستەقىل پادىشاھلىقنى شەكىللەندۈردى. كېيىن خۇراساننىمۇ قولغا ئېلىپ، بۇرۇنقى زېمىنى بىلەن قوشۇپ، سامانىيە سۇلالىسى قىلىپ بىرلىككە كەلتۈردى. بۇخارانى پايتەخت قىلدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن تەرغىب قىلدى. سەمەرقەنت ۋە بۇخارا ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. راسا گۈللەنگەن دەۋرىدە ئۇنىڭ زېمىنى ماۋەرائۇننەھر رايونى، شىكىستان، جۇرجان، تەبرىز، خۇراسان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى.