Uyghur主要词典
سالتىكوۋ شېدرىن
دۇنيا تارىخى
(1826 - 1889) روسىيە ساتىرىك يازغۇچىسى، ئىنقىلابىي دېموكرات. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن چىققان، پادىشاھلىق گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پېتراشېۋىسكى (1821 - 1866) گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، خىيالىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. 1847 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى ئاممىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشىغا بىشارەت بېرىدىغان <تېگىگە يېتىپ بولماس ئىش> دېگە پوۋستنى ئېلان قىلغانلىقتىن قولغائېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. 1855 - يىلى پېربۇرگقا قايتقاندىن كېيىن، <ياق ئۆلكە ئوچېركلىرى> دېگەن ئوچېرىكلار توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى مەسخىرە قىلغان، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى قامچىلىغان. 6218 - 1884 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <زامانداشلار> ۋە <ۋەتەن خاتىرىلىرى> ژورناللىرىنىڭ تەھرىرى بولغان. ئەسىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى <ئەيىبسىز ھېكايىلەر>،<ساتىرىك پروزىلار>، <پونبادۇر ۋە پونبادۇرشا>، <شېرىن سۆزلەر> قاتارلىقلار، ئۇلاردا روسىيە جەمئىيىتىدىكى قارا كۈچلەر پاش قىلىنغان. 1870 - يىلى ئېلان قىلغان <بىر شەھەرنىڭ تارىخى> دېگەن رومانىدا، يانچىلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى دېگەن ئالدامچىلىقنى ئېچىپ تاشلىغان. 1880 - يىلى پۈتتۈرگەن <گولوۋلېۋلار ئائىلىسى> دېگەن رومانىدا پارازىت سىنىپىنىڭ چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىلگەن. ئۇ يەنە خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن <مەسەللەر توپلىمى > نى يازغان. 1889 - يىلى <پوشېخونىيەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى> دېگەن ئاخىرقى رومانىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ۋە ئىلغار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زورتەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان.