Uyghur主要词典
سالجۇقىيلار سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1055 - 1197) <سالجۇق تۈركلىرى ئىمپېرىيىسى> ياكى <سالجۇقىيلار ئىمپېرىيىسى> مۇ دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئابباسىيلار سۇلالىسى پارچىلىنىش داۋامىدا گۈللەنگەن تۈركىي ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردىن سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغىچە بولغان رايونلاردىكى سالجۇق تۈركلىرى خەلىپە سالجۇقنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، تەخمىنەن 1025 - يىلى خۇراساننىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ، نەزنەۋى سۇلالىسىغا بويسۇندى. غەزنەۋى خارابلاشقاندىن كېيىن، سالجۇقىينىڭ نەۋرىسى توغرىلبەگ (1038 - يىلىدىن 1063 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خۇراساندىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، غەزنەۋىلەر سۇلالىسىدىكى مەسئۇدنى يېڭىپ، پرسىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى. 1055 - يىلى باغدادقا كىرىپ، بۇۋەيھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتتى ھەمدە ئابباسىيلار خەلىپىسىنى سۇلتان ئۇنۋانى بېرىشكە قىستاپ، ئابباسىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالدى. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى زېمىننى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. مالىك ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋر (2107 - 1092) راسا گۈللەنگەن دەۋر بولدى. شەرقتە سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىن دەمەشىق، ئېرۇسالىمغا، ھەتتا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە كېڭەيدى. ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى شىئە مەزھىپىدىكى بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئورنىغا دەسسەتتى. سالجۇقىيلار ئۇسلۇبىدا كۆركەم - ھەيۋەتلىك سېلىنغان مەسچىتلەرنى ساقلاپ قالدى. كېيىن خارەزملىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.