Uyghur主要词典
سالجا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارازىت قۇرتلار: ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى چىقىپ، قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ. بۈرگىنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن چېپىش لازىم ئەمەس. چۇسا چاقسا، بۈرگىنى ئەسلەيمەن. كانا - مالنىڭ كۈشەندىسى. كۆكۈيۈن ئاتقا ئارام بەرمەيدۇ. سالىجىدەك چاپلاشقاندىن قورق.
بىئولوگىيە
ئۆمۈچۈكلەر سىنىپىنىڭ سالجا - كانىلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. سالجا ئومۇمىي ئائىلىسىدىكى قاتتىق سالجا ۋە يۇمشاق سالجىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىل قان شورىغۇچى بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. <تام پىتى> ياكى <ياپىلاق پىت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۈمبە، قورساقلىرى ياپىلاق، تېنىنىڭ سىرتقى دائىرىسى يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. سىرتى تېرىلەشكەن، قوڭۇر رەڭلىك. باش، كۆكرەك، قورساق ئۈچ قىسمى قوشۇلۇپ كەتكەن، بوغۇملارغا بۆلۈنمەي يالغان باش ۋە گەۋدىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمىغا بۆلۈنگەن. يالغان بېشى بىر جۈپ ئامبۇرسىمان پۇتى ۋە بىر جۈپ پۇت بۇرۇتچىسىدىن تۈزۈلگەن. قاتتىق سالجىلارنىڭ يالغان بېشى تېنىنىڭ ئالدىنقى ئۇچىغا جايلاشقان ھەمدە ئالدىغا ئۆسۈپ چىققان، گەۋدىسىدە بىر قالقان پلاستىنكىدىن شەكىللەنگەن قاتتىق دۈمبە قالقىنى بولىدۇ. يۇمشاق سالجىلارنىڭ يالغان بېشى گەۋدىسىنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ ئالدىغا جايلىشىپ باش ئۇۋىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، تېنىنىڭ سىرتىد قاتتىق سالجىلارنىڭكىدەك قالقان پلاستىنكىسى بولماستىن، كۆپىنچىسىدە كېڭىيىشكە ماسلاشقان ئېنىق پۈرمىلىرى بولغان، تېرىلەشكەن پوستى بولىدۇ. سالجا لىچىنكىسىنىڭ ئۈچ جۈپ، يېتىلگەن قۇرتىنىڭ تۆت جۈپ پۇتى بولىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 2 - 13 مىللىمېتىر، بەزى چىشى سالجىلار قان شورىغاندىن كېيىن بەدەن ئۇزۇنلۇقى 20 - 30 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، قارىماققا باقىلە ياكى ئابدىمىلىك ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئىندىۋىدلىق تەرەققىياتى تۇخۇم، لىچىنكا سالجا ۋە يېتىلگەن سالجىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچتىن ئۆتىدۇ. تۇخۇمى تام بۇلۇڭلىرى ياكى تاشلارنىڭ ئاستىدىكى دالدا جايلارغا سېلىنىدۇ. لىچىنكىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، خۇسۇسىيەت جەھەتتە تېتىكلىشىپ، ئوت - چۆپلەرگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ، پارازىت خوجايىنى يېقىنلىشىشى بىلەنلا، پارازىت ئىگىسىگە ئۆمىلەپ چىقىپ قان شورايدۇ، قان شوراپ بولغاندىن كېيىن پارازىت خوجايىنىدىن ئايرىلىدۇ. سالجىلار قاننى يېتەرلىك شورىغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۆپىيەلەيدۇ ۋە ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىشنى تاماملىيالايدۇ. سالجىلارنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارغا بولغان زىيىنى پەقەت قان شوراپ بىئارام قىلىپ پارازىت خوجايىننىڭ چېقىۋېلىنغان ئورنىنى شەلۋەرىتىپ جاراھەت پەيدا قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپرەكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېسەل ۋاسىتىچىسى بولىدىغان تۈرلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇس، رىككېتسىيە ھەم باكتېرىيە خىلىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچىلار (پاتوگېن) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئورمان مېڭە ياللۇغى، سالجا ۋاسىتىچىلىقىدىكى قارا كېزىك ۋە سالجا ۋاسىتىچىلىقىدىكى قايتۇرما كېزىك قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قان سپورا قۇرت كېسىلى قاتارلىقلارنى تارقىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، باش، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمى بىرلىشىپ كەتكەن، تۆت جۈپ پۇتى بار.