Uyghur主要词典
سايرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېقىملىق، خۇش ئاھاڭدا ئاۋاز چىقارماق (قۇشلار ھەققىدە).
بىزنىڭ سىنىپتىكى جاپپارنىڭ ئىككى سېرىق قۇشقىچى بار ئىكەن، بەك سايرايدىكەن.
مۇڭلۇق كۈيدە ئاۋاز چىقارماق.
قولۇمدا يەنە سايرىدى راۋاب، ناخشامنى ئېيتتىم، بۇلبۇلدەك سايراپ.
كۆچمە. چاڭ كەلتۈرمەك، ياڭراتماق.
جەڭگىۋار سىگنال خەلق ئەسكەرلىرىنى تېز يىغىلىشقا چاقىرىپ، جەڭ مارشىغا سايرىماقتا ئىدى.
كۆچمە. سەلب. بىر خىل ئاھاڭدا توختىماي سۆزلىمەك؛ ۋاتىلدىماق.
- بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويسام، سايراپلا كەتتىڭغۇ؟- دېدى ئەمەتكە كۈلۈپ تۇرۇپ.