Uyghur主要词典
سايغاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئوقۇرۇق قۇرت، كۆكۈيۈن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۈچ چىشلىق تۆمۈر ئارا، سانجىغاق
سايغاق بېلىق تۇتۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئۈچ چىشلىق كىچىك ئارا ( بېلىق تۇتۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ).
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
كۆكۈيۈن؛ ئوقۇرۇق چىۋىنى ( شەكلى ھەرىگە ئوخشايدىغان، سارغۇچ قارا چىپار كېلىدىغان ھاشارەت بولۇپ، كالىنىڭ تۈكى ئىچىگە تۇخۇم سالىدۇ، لىچىنكىسى كالىنىڭ تېرىسى بىلەن ئېتى ئارىسىدا ياشايدۇ، يېتىلگەن چاغدا تېرىنى تېشىپ چىقىدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات. شەكلى ھەرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ سىرتىدا قارامتۇل سېرىق رەڭدە يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ، ئېغىز ئورگىنى رودىمېنتلاشقان، چىشىسى كالا تۈكلىرى ئارىسىغا تۇخۇم سالىدۇ، لىچىنكىسى كالا تېنىدە پارازىت ياشاپ، يېتىلگەندىن كېيىن كالا دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقىدۇ، يەرگە چۈشكەندە بولسا قورچاققا ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توپقا قوشۇلماي يۈرىدىغان، بىباش، ساياق.
سەنزە سايغاق كالىدەك ئۆزۈڭنى بىزدىن قاچۇرىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. سانجىغاق.