سايغاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. شەكلى ھەرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ سىرتىدا قارامتۇل سېرىق رەڭدە يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ، ئېغىز ئورگىنى رودىمېنتلاشقان، چىشىسى كالا تۈكلىرى ئارىسىغا تۇخۇم سالىدۇ، لىچىنكىسى كالا تېنىدە پارازىت ياشاپ، يېتىلگەندىن كېيىن كالا دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقىدۇ، يەرگە چۈشكەندە بولسا قورچاققا ئايلىنىدۇ.