Uyghur主要词典
رىكسداگ
دۇنيا تارىخى
شۋېتسىيە پارلامېنتى، سىتېن سىۋاتتې سىتۇرىي (تەخمىنەن 1493 - 1520) نائىبلىق قىلغاندا (1512 - 1520) بەرپا قىلىنغان. ئۇ بۇرۇنقى كورۇل سايلاش يىغىنى. پارلامېنتلىق تۈزۈمىدىكى يىغىن، سىياسىي كېڭەشمە قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتاغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا باراۋەر قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتلىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان. يۇقىرى پالاتانىڭ قەرەلى سەككىز يىل، تۆۋەن پالاتانىڭ قەرەلى تۆت يىل بولغان. يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزالىرى 150 نەپەر كىشى، تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىرى 223 نەپەر كىشى بولغان. پارلامېنت ھەر يىلىنىڭ باھار، كۈز پەسلىدە ئىككى نۆۋەت قەرەللىك يىغىن چاقىرغان 1871-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بىر پالاتالىق تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، 349 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ۋەكالەتلىك مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان.